چوڭچىڭدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلدى
2005.11.24
چوڭچىڭ شەھىرى دىيەنجاڭ ناھىيىسىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پەيشەنبە كۈنى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە بىر ئادەم ئۆلدى، ئۈچى يارىلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، زەھەرلىك بىنزول ماددىسىنىڭ ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
دىيەنجاڭ ناھىيىلىك بىخەتەر ئىشلە &# xFB58;چىقىرىشنى نازارەت ئىدارىسى مەسئولىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش مەزكۇر زاۋۇتنىڭ 1 - سېخى قاچىلىغان قوش ئوكسىدلىق سۇنىڭ مىقتارى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى زاۋۇتتىن ئېقىپ چىققان زەھەرلىك بىنزول سۇيۇقلىقىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، زاۋۇت ئەتراپىدىكى كىچىك ئېرىقلارنى توسۇپ، كىشىلەر ۋە مال- چارۋىلارنىڭ سۈ ئىچىشىنى مەنئىي قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي نېفىتلىگىنىڭ جىلىندىكى خېمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى
- خىتايدا ھەر خىل سانائەت ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرمەكتە
- خىتايدىكى بىر كۆمۈر كاندا يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاينىڭ شەنشىدىكى كۆمۈر كېنىدا يەنە 3 قېتىم پارتلاش يۈز بەردى
- شەنشىدىكى كان ۋەقەسىدە 140 تىن ئارتۇق ئادەم كان ئاستىدا قامىلىپ قالدى