سىچۇەندە گاز پارتلاپ 42 ئادەم ئۆلدى


2005.12.23

22 ‏-دېكابىر كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا تەبىئى گاز تۇربىسىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 42 كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى.

روېتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە جياڭيەن بىلەن ۋىنچەن شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياسلىۋاتقان تاش يول ئۈستىدىكى تونىلدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى قۇرۇلۇشتا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئىكەن.

خىتاي دۇنيادا ئىش ئۈستىدە قازالار ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت بولۇپ، خىتايدىكى كۆمۈر كانلاردا يۈز بېرىدىغان پارتلاش، ئوت كېتىش ۋە سۇ كىرىپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئۆزىدىلا ھەر يىلى 6000 ئەتراپىدا كۆمۈر كان ئىشچىسى قازا قىلىدۇ.

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2001 ‏-يىلىدا خىتايدىكى ئىش ئورۇنلىرىدا 90 مىڭدىن ئارتۇق قازا يۈز بەرگەن.

بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايدا ئۆتكەن 13 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 6 دىن كۆپ كۆمۈر كان ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى بار دەپ ئىككى ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى ۋە 96 دۆلەت كادىرى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە 500 دىن ئارتۇق ئىشچى ئۆلگەن ئىدى.(قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.