خىتايدا گاز تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلدى


2006.01.20

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبى ئۆلكىسى سىچۈەندە جۈمە كۈنى گاز تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 9 ئادەم ئۆلدى، ئاز دېگەندە 10 ئادەم يارىلاندى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش ۋەقەسى سىچۈەننىڭ رېنشۇ ناھىيىسىدىكى جۇڭگو نېفىت شىركىتىگە قاراشلىق گاز تۇرۇبىسىنىڭ پارتلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

جۇڭگو نېفىت شىركىتى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 8 دەپ ئېلان قىلدى. بىراق مەزكۇر بايانات شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقى سانى توغرىسىدا ئالاقىدار تەرەپلەر ھازىرغىچە ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەرلىك دائىرىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پارتلاش ۋەقەسى رېنشۇ ناھىيىسىنىڭ ۋاڭياڭ ۋە ۋېنگوڭ يېزىلىرى ئارىسىدىكى بىر گاز پومپىلاش ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن. جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ جىلىن ئۆلكىسىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى سۇڭ خۇاجياڭ دەرياسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ مىليونلىغان كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، خىتاي رۇسىيىگە تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

جۇڭگو نېفىت شىركىتى تېخى يېقىندا چاقىرغان بىر قېتىملىق خىزمەت يىغىنىدا، خىتاي بويىچە 2010 - يىلغىچە ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. جۇڭگو بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، 10 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ھادىسىلەرگە چوڭ ۋەقەلەر، دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.