شەندوڭدىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلدى

يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر پارتلاتقۇچ دورا زاۋۇتىدا پاتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 20 نەچچە ئىشچى قازا قىلغان ھەمدە يەنە 2 ئىشچى يارىلانغان ۋە 9 ىنىڭ ئىز-دېرىكى تېپىلمىغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش شەندۇڭنىڭ جاۋ يۈەن شەھىرىدىكى 761‏- نومۇرلۇق پارتلاتقۇچ دورا زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە سادىر بولغاندا مەزكۇر زاۋۇتتا 31 نەپەر ئىشچى ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ھازىر بۇنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەنبە كۈنى شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر ساليوت ياساش زاۋۇتىدىمۇ پارتلاش يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەدە 8 كىشى قازا قىلىپ، بىرىنىڭ ئىز-دېرىكى تېپىلمىغان. خىتايدا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغان پارتلاش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ كان پارتلاش ھادىسىلىرى نۇرغۇن ئىشچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا. (پەرىدە)