سىچۈەندە بىر سوت مەھكىمىسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بەردى


2006.04.06

5 ‏- ئاپرىل كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى، گۇاڭيۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت بىناسىدا تۇيۇقسىز پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى، بىر سوتچىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن تەيبېيدىن بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ۋەقە تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 10 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بەدىنىگە پارتلاتقۇچ بومبا تاڭغان نامەلۇم بىر ئەر نەق مەيداندا ئۆلگەن، بىر نەپەر سوتچى ئېغىر يارىلانغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، بىر كىشىنىڭ پارتلاتقۇچ بومبىنى تېڭىپ، سوت مەھكىمىسى قوراسىغا كىرىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارالغان ئىكەن.

گۇاڭيۈەن شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدىن ئىبارەت بولۇپ، نۆۋەتتە خىتايدا پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بولمىغان سىياسىتىگە دۇچ كەلگەندە ھەر خىل شەكىللەردە ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغان ۋەقەلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ كەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھە دېسىلا ،ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەيدىغان شىكايىتى ئۈستىدىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، "مەزكۈر پارتلاش ۋەقەسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق باھا بەرمەي، سۈكۈتتە تۇرۇش قىلمىشى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا ئىككى خىل سىياسەت يۈرگۈزۈشتەك ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدۇ، ئەگەر بۇ پارتلاش ۋەقەسى بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولسا ، ئۇ چوقۇم تېررورچىلىق قالپىقى بىلەن جازالىناتتى" دەپ كۆرسەتتى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.