لەنجۇدىكى بىر نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ لەنجۇ رايونىدىكى جۇڭگو نېفىت شىركىتىگە قاراشلىق بىر نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدا سەيشەنبە كۈنى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلدى، 11 ئادەم يارىلاندى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يارىلانغانلار ئىچىدە 4 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پارتلاش ۋەقەسى زاۋۇتنىڭ بىر ئىشلەپچىرىش سېخى رىمونت قىلىنىۋاتقاندا يۈز بەرگەن. ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئەتراپتىكى سۇ مەنبەسى ۋە دەريا‏ - ئېقىنلارغا ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا باشلىدى. مۇھىت قوغداش ئورگانلىرى ھازىرغىچە ئەتراپدىكى دەريا ۋە سۇ مەنبەلىرىدە بۇلغىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆتكەن قېتىم خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە بىر نېفىت خىمىيە زاۋۇتى پارتلاپ كېتىپ، زەھەرلىك ماددىلار سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىغا ئېقىپ كىرگەن ۋە دەريا سۈيىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئەينى چاغدا ۋەقەنى كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدى. پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن لەنجۇدىكى بۇ زاۋۇت جۇڭگو نېفىت شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، بۇ شىركەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 3 چوڭ خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت قېزىش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە قازاقىستان نېفىت ئىگىلىكىگە مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنىڭ بىرى. يېقىندا جۇڭگو نېفىت شىركىتى مەبلەغ سالغان قازاقىستان - خىتاي ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىدا قاراماي ئېقىتىلىشقا باشلىغان ئىدى. (ئەركىن)