خىتايدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 كىشى ئۆلدى
2006.06.27
دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە قانۇنىسز ساقلانغان كاپسۇلنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئازدېگەندە 11 كىشى ئۆلگەن، 20 ئادم يارىلانغان. خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاشتا ئەتراپتىكى بىنالار زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە كۆمۈر كان ھادىسىلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي بولغان شەنشى ئۆلكىسىدە، پارتلاتقۇچ دورىلىرىنىڭ ئۆيلەردە ساقلىنىشى ئادەتكە ئايلانغان ئىكەن. لېكىن بۇ قېتىم پارتلىغان پارتلاتقۇچ دورىسىنىڭ نېمە مەقسەتتە ساقلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلمىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم پارتلىغان پارتلاتقۇچ دورىسى سۇ فامىلىلىك بىر يېزا باشلىقىنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان بولۇپ، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاققۇن ئىشچىلار ئىكەن. خەۋەر ئېيتىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن سۇ قېچىپ كەتكەن. (قانات)