سەنشى ئۆلكىسىدە بىر دېھقاننىڭ تورالغۇسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 47 ئادەم ئۆلگەن
2006.07.07
رويترس ئاگېنتلىقنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سەنشى ئۆلكىسى ۋۇنيڭ ناھىيىسىنىڭ دوڭزەي مەھەللىسىدە بىر دېھقاننىڭ تورالغۇسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 47 ئاەم ئۆلگەن، 28 ئادەم يارىلانغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ ئېنىقلىشىچە، دوڭزەي مەھەللىسىدە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە بىر دېھقاننىڭ تورالغۇسىغا ئوت كەتكەن. نەخ مەيدانغا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ئادەم كېلىپ توپلانغاندا، دەھشەتلىك پارتلاش يۈز بېرىپ 47 ئادەم ئۆلگەن، 28 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئوت كەتكەندىن كېيىن ئۆيدە ساقلىنىۋاتقان پارتلاتقۇچ دورىلىرى پارتلىغان.
خەۋەر ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ ئۆلكىدىكى يۇەنپىڭ شەھىرىدە بۇيىل 4 - ئايدا يۈز بەرگەن كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە 33 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. 6 - ئايدىمۇ بىر ئالتۇن كان بار مەھەللىدە، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىغان پارتلاتقۇچ دورىلىرى پارتلاپ كېتىش ھادىسسى يۈز بېرىپ 10 دېھقان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ھازىر خىتاي يېزىلىرىدا كان ئېچىش ۋە ياكى باشقا مەقسەت ئۈچۈن پارتلاتقۇچ دورىسى قوللۇنۇش ناھايىتى ئومۇملاشقان. پارتلاش دورىلىرىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ئورۇندا ساقلانمايدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 كىشى ئۆلدى
- لەنجۇدىكى بىر نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- سىچۈەندە بىر سوت مەھكىمىسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بەردى
- شەندوڭدىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلدى
- خېنەندىكى ساليوت زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئاز دېگەندە 36 كىشى ئۆلدى