موسكۋادىكى بىر سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 7 خىتاي يارىلاندى

رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى بىر سودا بازىرىدا دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە 7 نەپەر خىتاي پۇقراسى يارىلاندى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موكسۋادىكى جوڭگو ئەلچىخانىسى ۋەقەدە ھازىرغىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالمىغان. جوڭگو ئەلچىخانىسى يارىدارلارنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالمىدى.

دۈشەنبە كۈنكى پارتلاش ۋەقەسىنى قولدا ياسالغان بومبا كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە موسكۋانىڭ شەرقىي - شىمالىدىكى گۈمبەزلىك 2 قەۋەتلىك چېركوزوۋىسكىي بازىرىدا يۈز بەرگەن. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە 10 ئادەم ئۆلگەن، 31 ئادەم يارىلانغان، سودا بازىرىنىڭ 200 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بۆلۈمى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن.

رۇسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى ئىشخانىسى ۋەقە ئۈستىدىن جىنايى دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ساقچىلار ۋەقەنى تېررورلۇق ھەرىكەتتىن كۆپرەك تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەت ياكى سودا ئىختىلاپىدىن كېلىپ چىققان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. چېركوزوۋىسكىي بازىرىدىكى دۇككاندارلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاسىيا ۋە كاپكازىيىلىك سودىگەرلەرنى ئاساس قىلغان. (ئەركىن)