شېنجىننىڭ فۇتيەن شازۇي كەنتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى نەپەر ئۈسمۈر قازا قىلدى
2007.01.04
شېنجىن شەھىرىنىڭ فۇتيەن شازۇي كەنتىدە چارشەنبە كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر ئوغۇل ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى، فۇتيەن شازۇي كەنت ئاھالىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېلېفۇن تەھدىتى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، كوچىغا قويۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ دەل شۇلار تەرىپىدىن پارتلىتىلغانلىقىنى قىياس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شېنجىن ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلى 130 مىڭ ئادەم قېتىم ساقچى كۈچى ئىشلىتىپ، چارلاش، مۈرەككەپ مەيدانلارنى تەكشۈرۈش، كىرالىق ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3" نى تەكشۈرۈش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز تىجارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ماشىنىدىن نەچچە ئون مىڭنى مۇسادىرە قىلغان ئىكەن. شۇڭا كىشىلەر بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ساقچىلارنىڭ شۇ قېتىملىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم گۇروھلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى قىياس قىلىدىكەن.
ساقچىلار نۆۋەتتە پارتلاش يۈز بەرگەن مەيدان ئەتراپىنى پۈتۈنلەي قورشاپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئادەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىنى، تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ ئېلان قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىنى ھېچقاچان تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ قارىمايدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 5 ئادەم ئۆلدى
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 85 نەپەر كان ئىشچىسى قازا قىلدى
- سەنشى ئۆلكىسىدە بىر دېھقاننىڭ تورالغۇسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 47 ئادەم ئۆلگەن
- خىتايدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 كىشى ئۆلدى
- لەنجۇدىكى بىر نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى