خىتاينىڭ پاي بازىرىدا يۈز بەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەشنىڭ سەۋەبى نېمە؟


2007.02.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارادا ئىككى كۈندىن بۇيان، 27 ‏- فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ پاي بازىرىدا يۈز بەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ پاي بازىرىدا 27 ‏- فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش ۋەقەسى ھازىر دۇنيا پاي بازىرىدا 10 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش دەپ قارالماقتا.

مۇشۇ بىر كۈن ئىچىدە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى 600 توچكىدىن ئارتۇق، بەزى خوڭكوڭ پاي چەكلىرى ھەتتا بىر مىڭ توچكا چۈشۈپ كەتكەن. ياپونىيە، سىنگاپور، مالايشىيا، فىلىپىن، ئاۋسترالىيە ھەتتا ئەنگىلىيە، ئامېرىكىلارمۇ بۇ "ئاپەت" نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. گەرچە 28 ‏- فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ پاي بازىرىدا قايتىدىن ناھايىتى زور كۈچ بىلەن يۇقىرى ئورلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاپەتنى قاپلاشتىن تېخى يېراقتا.

خىتاينىڭ پاي بازىرىدا يۈز بەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش ۋەقەسىنى، خىتايدىكى فۇچاڭ پاي چېكى تىجارەت ئورنىنىڭ مۇدىرى يەن چاڭنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بۇ ۋەقە ھۆكۈمەتنىڭ پاي بازىرىرىنى كونترول قىلىۋېلىشتىن قول ئۈزمىگەنلىكى، پاي بازىرىنىڭ بازار ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇشىنى توسۇۋالغانلىقى، بەزى شىركەتلەر ئۆزىنىڭ پايلىرىنى پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ساتقانلىقى قاتارلىق ئەقىلغا مۇۋاپىق بولمىغان ۋاستىلار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان. ئەمما غەربنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى بولسا، بۇ ئاساسەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى "مازغاپ شارلار" تېشىلىپ كەتكەنلىكتىن بولغان دەپ قارىماقتا ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.