خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدا يېتىۋاتقان شاڭخەيلىك ئايالنىڭ تىنچلىقنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بۇ جازاغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى


2005.01.10

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، شاڭخەيدە ماۋ خېڭفېڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئايالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى رەت قىلدى .

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، ماۋ خېڭفېڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، تىنچلىقنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى ۋە مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە بولغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ماۋ خېڭفېڭنىڭ 1980 - يىللىرى ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلە بولغىنىدا ئىشىدىن قوغلاندى قىلىنغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تەن جازاسى قاتارلىق نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى باياناتىدا، ماۋنىڭ 1989 - يىلى ئۈچىنچى بالىسىغا ھامىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، 16 كۈن سەۋەبسىز ئىشقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشتىن چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ماۋ 2003 - يىلى ماي ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىدا، نەچچىلىگەن سوت ئىدارىلىرىدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، جامائەت ئامانلىقىنى بۇزغان .(قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.