خىتاينىڭ تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن


2005.09.19

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى پىلانلىق تۇغۇتنى قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش پىلانى يوق ئىكەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 2010 - يىلغىچە خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر مىليارد 370 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيچىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئاقلاپ، "جوڭگو ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قەتئى ئىجرا قىلغانلىقتىن، جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تىز بولدى،" دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ، بۇ سۆزنى چىڭداۋدا چاقىرىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە دائىر بىر مۇھاكىمە يىغىندا قىلغان.

يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، بۇ سىياسەت خىتايدا ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىۋاتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "يېڭى ئېنگلاند" ژرنىلى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى " زامانغا ماس كەلمەيدۇ،" دەپ تەنقىدلىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا بۇ سىياسەت كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، 9 - بەش يىللىق پىلان ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 3 مىليون بوۋاقنىڭ كام تۇغۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ سىياسەت خىتايدا نوپۇسنىڭ قېرىشى ۋە ئەر ئاياللار نىسبىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تىزلەتمەكتىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.