خىتايدا پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى پائالىيەتچى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى
2005.10.05
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش جەريانىدىكى زوراۋانلىقلىرىنى پاش قىلغان خىتاي پائالىيەتچىسى چىن گۇئاڭچىن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەما پائالىيەتچى چىن گۇئاڭچىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شەندۇڭنىڭ لىڭجې شەھىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بالا ئالدۇرۇش ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش جەريانىدىكى ھەر خىل زوراۋانلىقلارنى تاشقى دۇنياغا پاش قىلغان. يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شۇندىن كېيىن، ئۇنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ تېلېفونى ۋە كومپيۇتېرىنى ئۈزۈۋەتكەن ئىدى.
بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن ئۈچ ئادۋوكات سەيشەنبە كۈنى لىڭجېغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنە كۆرۈشكەندىن كېيىن، چېن گۇئاڭچىن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ، كوچىغا ياتقۇزۇلۇپ قويۇلغان. بىر مەھەللىدېشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بىر قانچە يېرى كېسىلىپ قانىغان، بىلەك ۋە پاچاقلىرى يارىلانغان بولسىمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇنى دوختۇرغا ئاپىرىشنى رەت قىلغان.
شەندۇڭ لېڭجېدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان. پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما چىن گۇئاڭچىننىڭ مەھەللىدېشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ ھازىرغىچە ھېچقايسىسى جازالانمىغان. بەزىلىرى تېخى چىن گۇئاڭچىننىڭ ئىشىكى ئالدىدا داۋاملىق "ۋەزىپە" ئۆتەۋاتقان ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھامىلدارلارنى بالا ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن
- خىتاينىڭ تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن
- ئامېرىكا، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ياردەم بېرىشنى توختاتتى
- ب د ت دوكلاتىدا خىتايدا بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئاشكارىلىدى
- ئامېرىكا ب د ت دىن خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت پروگراممىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى