شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى بىر دېھقان ئەر-ئايال 23 يىل ئىچىدە 9 بالىلىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يېزىدىكى 11 نەپەر مەسئۇل ئەمەلدار خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە ئىككىسى قولغا ئېلىنغان.
خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنشىنىڭ داۋگوۋ يېزىسىدىكى سابىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى فاڭ بىلەن سابىق پارتىيە ياچېيكا مەسئۇلى يۈ، ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە پارە ئېلىش جىنايىتى بىلەن قولغان ئېلىنغان. قالغان 11 نەپەر ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدە جازالانغان.
مەزكۇر يېزىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال 1982-يىلدىن باشلاپ تاكى ئۆتكەن يىلى 12-ئايغىچە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 9 بالاپ تاپقان. بۇ جەرياندا يېزىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئۇلاردىن پارە ئېلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يالغان دوكلات قىلىپ كەلگەن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر بالىلىق بولۇش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بۇنىڭغا چېتىلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دېققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. (پەرىدە)