خىتايدا مىڭلىغان ئامما "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى "گە قارشى نامايىش قىلدى


2007.05.21

دۈشەنبە كۈنى غەربىي جەنۇبى خىتايدىكى مىڭلىغان ئامما قوزغىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى" نى قاتتىق يۈرگۈزۈپ ئېغىر جەرىمانە قويۇش قىلمىشلىرىغا قارشى نامايىش قىلدى.

خوڭ كوڭدىن چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرى بوبەي ناھىيە تەۋەسىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر نامايىشتا، نامايىشچىلار ماشىنىلارنى ئۇرۇپ-چاققان ۋە ئوت قويغان. كېيىن يۈلىن شەھىرى 600 نەپەر نامايىشىنى تىنجىتقۇچى ساقچى قىسمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچى ئامما بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىر- بىرىگە تاش كېسەكلەرنى ئېتىشىپ ھۇجۇم قىلىشقان. ھازىرغىچە، توقۇنۇشتا بىر ئادەم يارىلانغان. ببك نىڭ بەزى ئەپقاچتى گەپلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا بىر پىلانلىق تۇغۇت خادىمى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن.

ھازىرغىچە بوبەي ناھىيە تەۋەسىدىكى ئون نەچچە يېزىدا بىر نەچچە قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن. لېكىن شابى يېزىسىدا 19 - مايدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ نامايىشقا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىكەن. نامايىش جەريانىدا ھازىرغىچە، 30 نەچچە ئادەم قولغا ئېلىنغان.

مەزكۇر نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل بولسا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدىكى قاتتىق قول جەرىمانە سىياسىتى ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.