خۇبېي ئۆلكىسىدە ئۆتكەن يىلى 93 مىڭ ئادەم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان
2008.01.07
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە 500 نەپەر خادىم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسىدە ئۆتكەن يىلى 93 مىڭ ئادەم خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈزلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ بار ئىكەن.
گەرچە خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان جەرىمانە ئېغىر بولسىمۇ، خىتايدىكى باي سودىگەرلەر، داڭلىق چولپانلار بۇنداق چىقىملارنى تۆلەپ بېرەلىگەچكە تۇغۇت سىياسىتىگە خالىغانچە خىلاپلىق قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشكە يەنە، ئىلگىرى خۇبېيدىكى بىر كىشىگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ ھالدا ئىككىنچى بالىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن 770مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان بولۇپ، بۇ كىشى ھازىرچە 100 مىڭ يۈەننى تۆلىگەن بولسىمۇ قالغان قىسمىنى تېخى تۆلىمىگەن.
ھازىر خىتايدا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشايدىغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىغا قارىغاندا 2020 - يىلىغا بارغاندا پۈتۈن خىتاي نوپۇسى 1 مىليارد 450 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدىكەن.
خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى 1970 - يىللاردىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر سىياسەت دەسلىپىدە بىرخىل خەيىرلىك ئىشتەك كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بارغانچە مەزكۇر سىياسەت خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا يوشۇرۇن تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.
خىتايدا ئوغۇل بالا ئەزىز، قىز بالا خار كۆرۈلگەچكە، خىتاينىڭ پىلانلىق سىياسىتى تۈپەيلى، پەقەت بىردىن ئارتۇق بالا ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق خىتايلار قىز بالىنى تۇغماي ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى تاللاپ كەلگەچكە ھازىر خىتايدا ئوغۇل- قىز نىسبىتى جەھەتتە ئىنتايىن زور تەڭپۇڭسىزلىق مەيدانغا چىقتى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2020- يىلغا كەلگۈچە، 40 مىليونغا يېقىن خىتاي ئەر توي يېشىدىكى قىزلار كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن خوتۇنىسىز قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئىنتايىن قاتتىق يۈرگۈزگەن بولۇپ، 80- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 90 يىللاردا ھەتتا تۇغۇت مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارنى پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى مەجبۇرى ماشىنىغا بېسىپ ئاپىرىپ ئوپېراتىسيە قىلدۇرۇپ بالىسىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇرلانغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈنگەن ئىدى.
خىتاينىڭ بۇخىل ئادەم قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا بايلار ۋە ئەمەلدارلار پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرمەكتە
- خىتاي دائىرىلىرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە
- ئەر-ئايال نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، خىتاي رەھبەرلىرىنى ئەندىشلەندۈرمەكتە
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قوپال شوئارلارنى چەكلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھامىلىدار بولغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردىن چىقىرىلىشىنى چەكلىدى
- خۇنەن پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 8 ھەسسە ئۆرلىتىپ جەرىمانە ئالماقچى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى توپىلاڭ تېخى تىنجىمىدى
- گۇاڭشىدىكى دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى قوزغىلىڭى ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلدى
- خىتايدا مىڭلىغان ئامما "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى "گە قارشى نامايىش قىلدى