كولىن پوۋېل خىتاينى زىيارەت قىلدى


2004.10.24

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار كرىزىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى ئاساس تېما قىلغان خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، كولىن پوۋېلل بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ چىيۆ، " بىز تەيۋەن مەسىلىسىنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ نازۇك مەسىلە دەپ قارايمىز" دەپ تەكىتلىگەن. پەرەزلەرگە قارىغاندا كولىن پوۋېلل بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تەيۋەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، شۇنداقلا تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىشى مۈمكىن.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كولىن پوۋېللنىڭ "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" تەتقىقاتچىسى جاۋ يەننىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى كىشىلىك ھوقۇق دىلولىرىنى تىلغا ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. كولىن پوۋېلل خىتايغا بېرىشتىن ئىلگىرى ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ، باش مىنىستىر كويزۇمى بىلەن شىمالى كورىيە يادرو قوراللار كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ، شىمالىي كورىيىنىڭ 6 تەرەپ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىش يولىدىكى 3 ئالدىنقى شەرتىنى رەت قىلغان. شىمالىي كورىيىنىڭ 3 ئالدىنقى شەرتى، ئامېرىكا پيوڭياڭغا قاراتقان دۈشمەنلىك سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىنى توڭلىتىش بەدىلىگە ئامېرىكىنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشىش، جەنۇبىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقىنى مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.