دوللارنىڭ خىتاي غەزىنىسىدىكى چەتئەل پېرىۋوتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەنلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دوللىلىرىنىڭ خىتاي غەزىنىسىدىكى چەتئەل پېرىۋوتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئازايتقان.

لېيمەن ئاكا - ئۇكىلار مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا بىلەن بولغان پۇل - مۇئامىلە سودىسىدىكى قىزىل رەقەمگە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى مۇمكىن. خىتاي دۇنيا بويىچە ياپونىيىدىن كېيىنكى تاشقى پېرىۋوت زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت. 2004 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي دۆلەت غەزىنىسىدىكى تاشقى پېرىۋوت زاپىسى 610 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 209 مىليارد دوللار ئاشقان. لېيمەن ئۇكا - ئۇكىلار بانكىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2003 - يىلى خىتاي دۆلەت غەزىنىسىدىكى تاشقى پېرىۋوتنىڭ٪ 82 نى دوللار ئىگىلەيتتىكەن.

ئامما 2004 - يىلنىڭ ئاخىرى دوللارنىڭ خىتاي تاشقى پېرىۋوت زاپىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى٪ 76 گە تۆۋەنلىگەن. لېيمەن ئۇكا - ئۇكىلار مەبلەغ سېلىش بانكىسى، خىتاي دوللارنىڭ تاشقى پېرىۋۇتتىكى ئورنىنى ئاستا - ئاستا ئاجىزلاشتۇرماقتا،" دەپ كۆرسەتتى. بىراق شۇنداقتىمۇ ھازىرچە دوللار يەنىلا خىتاي غەزىنىسىدىكى ئاساسلىق تاشقى پېرىۋوت بىرلىكى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي تاشقى پېرىۋوت ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت غەزنىسىدىكى تاشقى پېرىۋوت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش نىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تاشقى پېرىۋوت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ شۇچىڭ، دوللارنى داۋالغۇش ئاستىدا تۇرىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا ساتسا، زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)