خىتاي خەلق بانكىسى ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى كۆپەيتتى
2004.10.29
خىتاي خەلق بانكىسى پەيشەنبە كۈنى قارار چىقىرىپ، خىتايدىكى پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتەردى. شۇنداقلا ئامانەت - قەرز ئۆسۈمىنىڭ رايونلار ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق بولۇشىغا يول قويغان. خەلق بانكىسىنىڭ قارارى بويىچە ئامانەت قەرز سوممىسىنىڭ يىللىق ئۆسۈمى ھازىرقى ٪ 5.31 تىن ٪ 5.58 گە ئۆستۈرۈلگەن. خەلق بانكىسىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بايلىقنىڭ ئىقتىسادى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، كارخانىلار مەبلەغنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا مەبلەغنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىقىتىسادنىڭ قىزىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يېقىنقى 7 يىلدىن بېرىقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن . شۇنداقلا يەنە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئېشىپ كېتىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ نوقۇل مەمۇرىي ۋاستىلارغا تايىنىپ ئىقتىسادتىكى قىزىپ كېتىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەلق بانكىسىنىڭ قارارىدىن كېيىن جۈمە كۈنى خىتايدا دوللارنىڭ ھەر قايسى ئاساسلىق پۇللار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتى تېز ئارىدا ئۆزگەردى. دوللارنىڭ پۇل- مۇئامىلە بازىرىدىكى كۆرسەتكۈچى 86 گە يېقىنلىشىپ، 85.89 غا چىققان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنخۈيدە ئون مىڭدىن ئارتۇق پىنسىيىگە چىققان ئىشچى نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس پارتلاش دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- ياۋروپا بىرلىكى خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى
- خىتاي، خەلق پۇلى قىممىتىنى مونوپول قىلىش ھەققىدىكى ئەيىپلەشنى رەت قىلدى