مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتەرگەنلىكىگە ھەر خىل باھا بېرىشتى


2004.10.31

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مۇتەخەسىسلەرخىتاينىڭ ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى تۇيۇقسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى مەبلەغ سېلىشنىڭ قىزىپ كېتىشى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كونترول قىلىش جەھەتتە ئانچە چوڭ رول ئوينىمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ قەدىمى تىزگىنلەنمىسە خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر يىلىمۇ ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر بولۇشى مۈمكىن. ئامېرىكىلىق ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى روشەن دەرىجىدە ئاستىلىمىغىچە ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى مۈمكىن، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار، خىتاينىڭ ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش يولىدىكى بېسىمىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا. بىراق خىتاي ئەمەلدارلار ئامانەت قەرز ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قارارى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ بىر قىسىمى دەپ چۈشەندۈرگەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى يىلىغا 8 - 9 ٪ ئەتراپىدا ئۆسۈپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قىزىپ كېتىشىدەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىقتىسادنىڭ قىزىپ كېتىشى پۇل پاخاللىقىغا يول ئاچقان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.