خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى كۆتۈرۈش بېسىمىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي خەلق بانكىسى پەيشەنبە كۈنى چەتئەلنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىسىمۇ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شياۋلىڭ بۇ سۆزنى پەيشەنبە كۈنى خەلق بانكىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋۇ شياۋلىڭ: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى "ئەگەر بېيجىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قايتا تەڭشىمىسە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا جازا خاراكتېرلىك باج ئالىمىز" دەپ تەھدىد سېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭنىڭ ئون يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلگەن خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا باغلاشتەك تېگىشىش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشىدىن گۇمانلىنىۋاتىدۇ. بىراق، بۇنداق گۇمانلار بېيجىڭنىڭ قارار چىقىرىشى ئۈچۈن پايدىسىز - دېگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، بەزى مەلۇماتلاردا خىتاينىڭ 18 - ماي كۈنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قايتا تەڭشەيدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تىلغا ئېلىنغان. بۇ خەلقئارا تاشقى پېرىۋوت بازىرىدا چوڭ داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بىر دوللارنى سەككىز يۈئەن يىگىرمە فۇڭ ئەتراپىدا تېگىشىشتەك مۇقىم تېگىشىش قىممىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ خىل تۈزۈم ئارقىلىق تاشقى سودىدا نۇرغۇن مەنپەئەت ئالماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)