خىتاي بىلەن ياپونىيە پۇتبول كوماندانلىرى شەنبە كۈنى ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا ئۇچرىشىشنىڭ ھارپىسىدا، ئىككى دۆلەتتە مەزكۇر مۇسابىقە ۋە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرى مەسىلىسىدە ئىختىلاپلار كۆرۈلدى.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 17 - ئىيۇل كۈنى باشلانغان ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا، نۇرغۇن خىتاي توپ مەستانىلىرى ياپونىيىگە قارشى چوقان سالغان. بەزىلەر ھەتتا، " تارىخقا يۈزلىنىپ، ئاسىيا پۇقرالىرىدىن كەچۈرۈم سورىسۇن " دىگەندەك ۋىۋىسكىلارنى ئاسقان.
بۇ خىل دۈشمەنلىك كەيپىياتلار توكيونى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. بەزى ياپۇنىيە مەتبۇئاتلىرى ماقالە ئىلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي توپ مەستانلىرى داۋاملىق تۈردە ياپۇنىيە كوماندانسىغا قارشى چوقان كۆتۈرسە، بۇ خىل ساپا خىتاينىڭ2008 - يىلى ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزىشىگە ماس كىلەمدۇ؟ " دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كۇڭچۈئەن بولسا پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنى ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلىپ، ھەتتا سىياسەتكە تاقىدى، بۇ بىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ " دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم توپ مەستانىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىغىمۇ قوشۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي بىلەن ياپۇنىيە پۇتبول كوماندىسى، شەنبە كۈنى ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچىلىكىنى تالىشىدۇ. (ئارزۇ)