خىتايدا قان سېتىش ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان بىر گۇرۇھ قولغا چۈشتى

خىتايدا 1990- يىللاردا قانۇنسىز ھالدا قان سېتىش ۋە تازىلانمىغان قان پىلازمىسىنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى يامراپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 6 - ئاپرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جەنۇبىي خىتايدا قان سېتىش ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر گۇرۇھنى قولغا چۈشۈرۈپ 6 ئادەمنى قولغا ئالغان.

خىتاينىڭ گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىياڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قان ساتارلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە 100 دىن ئارتۇق ساقچى قاتناشقان بولۇپ بۇ گۇرۇھنىڭ 5 يان تاياقچىسى ۋە بىر باش پىلانلىغۇچىسى قولغا ئېلىنغان. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغا چۈشكەن قان ساتقانلاردا HIV ۋىرۇسى بار‏- يوقلۇقى ئېنىقلىنىش باسقۇچىدا ئىكەن. خىتايدا قانۇنسىز قان سېتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغانلار دېزىنفىكسىيە قىلىنمىغان يىڭنىلەرنى ئىشلەتكەن ۋە ھىۋ ۋىرۇسى بار قان پىلازمىلرىنى ساتقان بولغاچقا، 1990- يىللاردا قان سېتىش ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش مەيدانغا چىقىپ خىتاي مىقياسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

خىتايدا قان ساتقۇچىلار يۈزلەپ كۆپەيگەن ۋە نۇرغۇن نەپ ئالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، قان ساتارلار قاننى تىز كۆپەيتىدىغان دورا ئىشلەتكەن. ھەتتا بەزىلىرى ھەر ئايدا 16 قېتىم قان ساتقان ئىكەن. (جۈمە)