خىتايدىكى مەشھۇر ئەيدىز بىمارلىرى ھىمايىچىسى دوختۇر گاۋ خۇيجې يېقىندا خوڭكوڭدا، خېنەندىكى ئەيدىز كەنتىنىڭ قان سېتىش ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە قان سېتىش ھەرىكىتىنىڭ يەر ئاستى ئۆيلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى، مەزكۈر قان سېتىش پونكىتلىرىنىڭ كېچە سائەت 12 دە ئىش باشلاپ، ئەتىسى ئەتىگەن 6 دە ئىش توختىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوختۇر گاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قان سېتىش ھەرىكىتى ھازىر خىتاينىڭ گۇيجو، شەنشى ۋە گۇاڭدوڭ قاتارلىق جايلىرىغا كېڭەيگەن بولۇپ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ساختا دوختۇرلار كۆپىيىپ كەتكەن، ھەتتا ۋىجدانى يوق بىر قىسىم دوختۇرلار قان ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان بىمارلاردىن قان ئېلىپ، قان سېتىپ پۇل تېپىش يولىغا كىرگەن ئەمما بۇ ئەھۋالغا ھۆكۈمەت تارماقلىرى سەل قارىماقتا ئىكەن.
دوختۇر گاۋ خۇيجې، خېنەندە ئەيدىزنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قان سېتىش پونكىتلىرىنى بىتچىت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان خېنەندىكى بىردىن بىر تىببى خادىم، ئەمما خېنەن دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئەيدىزنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە پىسەنت قىلمايلا قالماي، ئۇنى بىر مۇددەت نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىدىن چەكلىگەن. بىراق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن دوختۇر گاۋ خۇيجې ئامېرىكا تەرىپىدىنمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. (ئۆمەر قانات)