ئامېرىكا خىتاينى نەشر بويۇملىرىنى قانۇنسىز كۆپەيتىپ تارقىتىش مەسىلسىدە ئەيىپلىدى

ئامېرىكىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ياردەمچى سودا مىنىستىرى ۋىليام لەش خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى نەشر بويۇملىرىنى قانۇنسىز كۆپەيتىپ تارقىتىشنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمىسە، ئامېرىكاۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىگىنى بىلدۈردى.

ۋىليام لەش سۆزىدە: " پۈتۈن دۇنيادىكى نەشىر بويۇملىرىنى قانۇنسىز كۆچۈرۈش تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ مەنبەسى خىتايدا،ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل جىنايەتلەرگە يىتەرلىك زەربە بەرمىدى" دىدى. ئۇ يەنە خىتايدىن ئەقلى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتنېنت ھوقوقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىپ،ئۇنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى نەشر بويۇملىرىنى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش قىلمىشلىرى، خەلقارا شىركەتلەرنى ھەر يىلى 50 مىليارد دوللارلىق زىيانغا ئۇچراتماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن، نەشر بويۇملىرىنى قانۇنسىز كۆچۈرۈشكە قارشى مەخسوس قانۇن تۈزۈپ، بەزىدە كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان نەشر بويۇملىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتائىدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى سودا مىنىستىرى ۋىليام لەش، خىتاينىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش سېستىمىسىدا مەسىلە بارلىقىنى، بۇ سەۋەبدىن، نەشر بويۇملىرىنى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقانلارغا يىتەرلىك جازا بېرىلمىگەچكە، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا يول ئېچىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)