خىتاي بۆلۈنۈشكە قارشى بىر قانۇن يولغا قويماقچى
2004.12.17
جۈمە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۆلۈنۈشكە قارشى يېڭى بىر قانۇننى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇننىڭ ئاساسلىق مەقسىدى تەيۋەننىڭ رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلۈنۈپ چىقىشقا قارشى قانۇن لايىھىسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 25 - ۋە 29 - دىكابىر كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، تەيۋەن مەسىلىسى تىلغا ئىلىنمىغىنىدەك، قانۇننىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالمىغان.
لېكىن خىتاي سىياسىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنى قانۇنسىز بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى شەرتلەر ئاستىدا تەيۋەنگە قارشى قورال ئىشلىتىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىكەن.
فرانىسيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇخەندىكى جىيانخەن ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يۇ يۇنجو، ئەگەر تەيۋەن بىلەن تىنچ بىرلىشىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، چوڭ قۇرۇقلۇق ھۆكۆمىتىنىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش مەسىلىسى قانۇن بىلەن بەلگىلىنىشى كېرەك، دىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا ۋە يا چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن قايتىدىن بىرلىشىش مەسىلىسىدە داۋاملىق پۇت تىرەجىسە، تەيۋەنگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەھدىد سېلىپ كەلمەكتە. (قانات)