سىچۈەن سوتى قىيىن- قىستاق ئارقىلىق ئېرىشكەن جىنايى پاكىتلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى
2005.04.15
خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى قارار چىقىرىپ، قىيىن- قىستاق ۋە ئالداش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن جىنايى پاكىتلارنى سوتتا ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى چىقارغان بۇ قارارى، خىتاي پۇقراسى يۈ شياڭلىننىڭ دىلوسى خەلق ئارىسىدا كەڭ غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، يۈ شياڭلىن 10 كۈن قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى " ئېتىراپ" قىلغان. بۇنىڭ بىلەن، يۈ شىياڭلىن 1994 - يىلى " قاتىللىق جىنايىتى" بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، كىيىن جازاسى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا يەڭگىللىتىلگەن.
بۇ يىلنىڭ باشلىرى، يۈ شياڭلىننىڭ ئايالى تۇيۇقسىز قايتا پەيدا بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن. يۈ شياڭلىننىڭ ناھەق 11 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقى، خىتايدىكى قىيىن- قىستاققا ئېلىپ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلار گەرچە سىچۈەن ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ قانۇن تۈزۈلمىسىدە تۈپكى ئۆزگىرىش بولمىغۇچە، بۇنداق قارارنىڭ پەقەت سىمۋوللۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدا قىيىن- قىستاققا ئېلىپ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش قانۇنسىز بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۇرۇپ، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرىدىغان قىلمىشلىرى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. (ئارزۇ)