ئالى سوت مەھكىمىسى دېھقانلارنىڭ يەر- زېمىن ھوقۇقى توغرىسىدىكى قانۇنغا ئىزاھات بەردى


2005.07.29

خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى قانۇنغا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنى قولىدا توختامنامىسى بار دىھقانلارنىڭ يەر - زىمىن ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇئاڭ سوڭيو، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئالى سوتنىڭ قارارى بويىچە، يەرلىك سوتلار داۋاگەرلەرنىڭ يەر - زېمىن ھوقۇقىغا دائىر ئەرزنامىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. خۇئاڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر داۋاگەرنىڭ قولىدا يەر توختامنامىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقى كېرەككەن.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بەزى رايونلاردا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ شىركەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يەر - زېمىن ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئالى سوتنىڭ قارارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دېھقانلار ئۈچۈن ئىجابىي خەۋەر ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى قىزىلسۇدا ئاتۇش شەھىرىدىكى دائىرىلەر شورۇختىكى دېھقانلارنى يەر- زېمىنىنى "جۈنتوڭ" دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەتكە سېتىشقا مەجبۇرلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى "جۈنتوڭ" نىڭ باش مۇدىرىنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر شىركەتكە قىزىلسۇ، خوتەن ۋە قەشقەردىكى يەر - زېمىن تىجارىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.