ۋىن جياباۋ يۇقىرى قاتلامدىكى مالىيە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى


2006.07.06

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، 5 ‏- ئىيۇل دۆلەت كابىنتى دائىمى ھەيئەتلەر يىغىنىدا، لى جىڭخۇا ئاشكارىلىغان مەركىزى ئورگان يۇقىرى قاتلاملىرىدا يۈز بەرگەن قانۇنسىز قىلمىشلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 6 ‏- ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ئورگانلىرىدا 106 قېتىم قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دىلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 176 ئادەمنىڭ مەسىلىسى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان، قالغان 762 ئادەمنىڭ بىر قىسىملىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە بىر قىسىملىرىغا مەسىلىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ يىنىك ۋە ئېغىر دەرىجىدە جازا بېرىلگەن.

خىتايدا " باشقىلارنى رەنجىتىشتىن قورقمايدىغان ئادەم " دەپ داڭ چىقارغان باش تەپتىش لى جىڭخۇا، 1999 ‏-يىلى 6 ‏- ئايدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى قاتلام ئورگانلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ دوكلات تەييارلىغاندىن بۇيان، ھەر يىلى مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىقتىسادىي خىيانەتچىلىك مەسىللىىرى ئاشكارلىنىشقا باشلىغان.

بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن باش تەپتىش لى جىڭخۇا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ 2004 ‏- يىللىق داڭلىق ئەرباب دىگەن نامىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر " تەپتىش خەنجىرىنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى ئالىي ھوقۇقلۇق كىشىلەرگە سانجىدى " دىيىشىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.