گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە جەمئىيەت قارا كۈچلىرى گۇرۇھى بىتچىت قىلىندى

خىتاينىڭ قانۇن تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە ھەرىكەتلىنىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەت قارا كۈچلىرى گۇرۇھىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق ئەزاسى، جۈمە كۈنى گۇاڭجۇدا يىللىق قۇرۇلتاي ئۆتكۈزىۋاتقاندا پاش بولۇپ، ساقچىلار تەرىپىدىن بىراقلا قولغا چۈشكەن.

گۇاڭدوڭ جامائەت خەۋەپسىزلىك دائىرلىرى بۇ قارا گورۇھ ئەزالىرىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن نەچچە يۈز تولۇق قوراللانغان ساقچى كۈچى ھەمدە تەربىيىلەنگەن ئافشاركىلارنى ئىشقا سالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جەمئىيەت قارا كۈچلىرى يىللىق يىغىنىنى گۇاڭجۇ شەھرىنىڭ شىئەنلې يولىدىكى بىر قوناقخانىنىڭ يەتتە ئېغىز ئۆيىنى بىراقلا ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئېچىۋاتقاندا ساقچىلار ئاممىنىڭ پاش قىلىپ ئۇچۇر بېرىشىگە ئاساسەن ئۇ جاينى قورشاپ بىراقلا ھۇجۇم قىلغان.

ساقچىلار يۈزدىن ئارتۇق قارار جەمئىيەت ئەزالىرىنى قولغا ئالغاندىن باشقا نەق مەيداندا يەنە ك تالقىنى قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە بەزى پىچاق قاتارلىق ئۆتكۈر قوراللارنى قولغا چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما جەمئىيەت قارار كۈچلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا قوراللىق توقۇنۇش بولغان بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. (گۈلچېھرە)