شەنشىدىكى "قارا خۇمدان" ۋەقەسىدە ساقچى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قولى بار

تەكشۈرگۈچىلەر جۈمە كۈنى شەنشىدىكى قۇللار سەتچىلىكى "قارا خۇمدان" ۋەقەسىدە ساقچى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قولى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن باۋشۇي، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شەنشىدىكى قانۇنسىز خۇمدانلارنىڭ تىجارەت پائالىيىتىدە يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە ساقچىلارنىڭ چېتىشلىقى بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسى نەپسىگە چوغ تارتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە "سەتچىلىكنىڭ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى" بىلدۈرگەن.

سۈن باۋشۇينىڭ جۈمە كۈنى ئاخبارات يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر ھازىرغا قەدەر قارا خۇمدانلىقتىن 359 كىشىنى ئازاد قىلغان بولۇپ، بۇ 12 نەپەر ئۆسمۈر بىلەن 65 نەپەر نېرۋىسىدىن ئاداشقان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ساقچىلار نۆۋەتتە قارار خۇمدان ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 35 كىشىنى قولغا ئالدى ۋە يەنە 20 كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى يۈي يوۋجۈن، جۈمە كۈنى ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئەپۇ سورىغان. يۈي يوۋجۈن ئەپۇ سوراشتىن 2 كۈن بۇرۇن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، دۆلەت كابىنتىنىڭ يىغىنىدا بۇ ۋەقەنى " بۇ بىر قانۇنسىز قىلمىش بولۇپلا قالماي ، كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش ۋەقەسى" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، شەنشى ئۆلكىسى يۇڭجى رايونىنىڭ ئەمگەك ئىدارىسىدىكى ئىككى ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. (ئەركىن)