قارا خۇمدان ۋەقەسىگە ئالاقىدار 95 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىغا جازا بېرىلدى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن قارا خۇمدان قۇل ئىشچىلىق ۋەقەسى پاش بولغاندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ساقچى دائىرىلىرىدىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قولغا ئالغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 16- ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، شەنشى ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى سوت ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شەنشى تەۋەسىدىكى لىنفېن ۋە يۈنچېڭ شەھەرلىرىگە تەۋە 8 ناھىيىدىن كەلگەن قارا خۇمدان ۋەقەسىگە ئالاقىدار 95 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىغا جازا بەرگەن . ئۇلارغا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، پارتىيىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق جازالار بېرىلگەن.

شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ياڭ سېنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارا خۇمدان سەتچىلىكىنىڭ مەركىزى بولغان خۇڭتۇڭ ناھىيىسى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە باشقا ئالتە نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ياڭ: "خۇمدان ئىگىلىرىنىڭ بىۋاستە مەسئۇلىيىتىدىن باشقا، "قارا خۇمدان" ۋەقەسى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارەتتىكى بوشاڭلىقى ۋە خىزمەتتىكى بىخەستىلىكى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان" دەيدۇ.

ئالدىنقى ئايدا شەنشى ۋە باشقا جايلاردىكى "قۇل ئىشچى" سەتچىلىكىگە چېتىشلىقى بار خۇمدان ۋە كان ئىگىدارلىرىدىن 130 دىن كۆپرەك كىشى قولغا ئېلىنغان ۋە 500 دىن ئارتۇق "قۇل ئىشچى" ئازات قىلىنغان ئىدى.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا، مەزكۇر ئىگىدارلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نەتىجە ئېلان قىلىنمىدى. (جۈمە)