ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى ئادۋۇكات گاۋ جىاڭ ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 26‏-ئاپرىل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدىكى ئادۋۇكات گاۋ جىاڭنىڭ ئادۋۇكاتلىق كېنىشكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈندەش ھەققىدىكى بىر پارچە قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى.

ئادۋۇكات گاۋ جىئاڭ ئىلگىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋلارغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ فالۇنگوڭچىلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىلىرى دەرھاللا گاۋ جىئاڭنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۇنىڭ تىجارەت كېنىشكىسىنى بىر يىللىق ئەمەلدىن قالدۇرغان.

شۇ سەۋەبتىن خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ ھەقتە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەيىبلەشتى. بۇ مەسىلە كۆڭۈل بۆلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ بارلىق 421 ئاۋازنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بۇ قارارنى ماقۇللاپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى گاۋ جىئاڭنىڭ سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈندىدى. (پەرىدە)