خۇبېيدا ئونمىڭلىغان خەلق خۋاڭشى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى قورشىۋالدى
2005.08.09
خوڭكوڭدا چىقىدىغان ۋىنخۈي گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 6 - ئاۋغۇست كۈنى 30 مىڭدەك كىشى خۇبېي ئۆلكىسى خۋاڭشى شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىنى قورشىۋالغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساقچىلارنى يۆتكەپ مۇداخىلە قىلىش جەريانىدا، بۆرە ئىتلارنى ئىشقا سېلىپ تەلەپ سۇنغۇچىلارنى تالاتقاندىن كېيىن، خەلق ئاممىسى قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، دايى شەھىرىنىڭ نەچچە ئونمىڭ ئاھالىسى شەھەرنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، رايونغا ئۆزگەرتىش پىلانىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خۋاڭشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىشىپ كوللېكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنى مەزكۇر پىلانىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇر قىلغان.
ئەسلىدە، بۇ ۋەقە 4 - ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان بولۇپ، خۋاڭشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز تەۋەسىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دايى شەھىرىنى بىكار قىلىپ، رايونغا ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان.
نارازى بولغان 200 گە يېقىن دايى شەھەر ئاھالىسى خۋاڭشى شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ تەلەپ سۇنغان. ساقچىلار ئاممىنى قورشاپ، ئىتقا تالاتقان ھەمدە ياش ئاققۇزىدىغان بومبىلارنى ئېتىپ تارقىتىۋەتكەن. غەزەپلەنگەن ئامما شۇ كۈنى كېچىدە تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، شەھەر خەلقىنى ھۆكۈمەت بىناسىنى قورشىۋىلىشقا چاقىرغان.
خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشچىلار ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇلغىيىپ، نەچچە ئونمىڭغا يەتكەن. ئۇلار ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ دەرىزىلىرىنى تاش ئېتىپ چىقىۋەتكەن. ۋۇخەنگە بارىدىغان تىز سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋالغان. نەتىجىدە ھۆكۈمەت قارارىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى 1 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر ئالدىنقى شەرتى دەپ تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەگەر خەلق قوزغالغاندىن كېيىن بېسىقتۇرالمىسا، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. (ئىلتەبىر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىچكى موڭغۇلدا 2000 دەك كەنت ئاھالىسى ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان
- ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋىلىشى نەتىجىسىدە بىر خىتاي دېھقان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان
- خىتاي دېھقانلار يەر - زېمىن داۋاسىدا ھۆكۈمەتنى يەڭدى
- ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى
- غەزەپلەنگەن دېھقانلار مۇھىتقا زىيانلىق بىر زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلغان