ۋۇ باڭگو خوڭكوڭ ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى لياڭ گوشيۇڭنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

خوڭكوڭدا زىيارەتتە بولغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگو ئۆتكەن شەنبە كۈنى بىر كەچلىك زىياپەتتە خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ دېموكراتىك ئۆكتىچى ئەزاسى لياڭ گوشيۇڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. شۇ كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايون ھۆكۈمىتى ۋۇ باڭگونىڭ شەرىپىگە بەرگەن كەچلىك زىياپەتتە، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لياڭ گوشيۇڭ تەرتىپنى ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن زىياپەت مەيدانىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. لياڭ گوشيۇڭ خوڭكوڭدىكى 5 - ئاپرىل ھەرىكىتى، دەپ ئاتلىدىغان بىر سىياسيى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى شۇنداقلا خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزاسى.

خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايون ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنكى ۋۇ باڭگونى قارشى ئېلىش زىياپىتىگە خوڭكوڭنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى 400 دىن ئارتۇق كىشىنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، لياڭ گوشيۇڭ تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن ئۇ 1960 - يىللاردىكى كۇبا پارتىزانلىرىنىڭ رەھبىرى چېي گۋارانىڭ رەسىمى بېسىلغان مايكا كىيىپ زىياپەتكە قاتناشماقچى بولغاندا رۇخسەت قىلىنغان. ئۇنىڭ ۋۇ باڭگوغا بەرمەكچى بولغان ئىلتىماسىمۇ مۇسادىرە قىلىندى.

نۆۋەتتە خىتاي رەھبەرلىرى خوڭكوڭ ۋە چەتئەلنى زىيارەت قىلغاندا شۇ دۆلەت ۋە رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل دېموكراتىك تەلەپلىرى ئۇلارنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. (ئەركىن)