خىتايدا ئۆتكەن يىلى قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن كۈنىگە 270 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 12 ‏-يانۋار كۈنى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشۈشىچە، 2005 ‏- يىلى پۈتۈن خىتاي بويىچە، 100 مىڭ ئادەم قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

بىراق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خىتايدا قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن كۈنىگە 600 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

خىتاي دۇنيادىكى قاتناش يولى بىخەتەرلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتناش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەر، باشقا ھادىسىلەرنىڭ 7. 92 پىرسەنتىنى، ئۆلۈم نىسبىتى بولسا 2. 92 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

گەرچە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق ستاتىستىكىلىرىدىن، 2005 ‏- يىلى يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسلىرىنىڭ 2004 يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 8. 7 پىرسەنت ئازايغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ ئەمما، بۇ سان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىدىكى ساندىن كۆپ پەرقلىنىدىكەن. (ئەقىدە)