قازاقىستان پرىزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 19 - دېكابىر كۈنىدىن 23 - دېىكابىر كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە سىياسىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشنى تەشەببۈس قىلدى.
قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا تەكىتلىنىشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بۇ قېتىم خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بولۇپ، قازاقىستان ئاتاسۇدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە تۇتاشتۇرىلىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى بۇ يىل رەسمىي ئىش باشلىغان.
مۈتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتاسۇدىن ئالاتاۋغىچە ئۇلانغان نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىكەن ۋە ئاتاسۇدىن ئالاتاۋغا كۈنىگە 200مىڭ باك خام نېفىت توشۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت خىتاي بىلەن قازاقىستان يەنە بىر نېفىت تۇرۇبا يولى ياساشنى پىلان قىلماقتا.
ئىككى تەرەپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىدىن باشقا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ھەققىدىمۇ سۆھبەتلىشىدىكەن.
قازاقىستان، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئىستراتېگىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتقان ۋە خىتاينى ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)