ئەنگلىيىدە چىقىدىغان مالىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بانكىلىرىدىكى پاسسىپ قەرز مىقدارى 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىنمۇ كۆپ ئىكەن.
خىتاينىڭ پاسسىپ قەرز مەسىلىسىگە ئائىت بۇ دوكلاتنى داڭلىق خەلقئارا بوغالتىرىيە شىركىتى بولغان ئېرنېست ئەند ياڭ شىركىتى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 4 چوڭ بانكىسىنىڭلا 358 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق پاسسىپ قەرزى بار ئىكەن. بۇ سان خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغاندىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولغان.
مالىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق زور پاسسىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى ئىقتىساتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بانكىلارنىڭ تارقاتقان قەرز پۇل بېرىش مىقدارىمۇ جىددىي ئاشقان. پاسسىپ قەرز خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلىرىدا كۆرۈلۈپلا قالماي، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەبلەغ شىركەتلىرى ھەتتا نۇرغۇن يېزا رايونلىرىدىكى قەرز بېرىش ئورگانلىرىغىچە چېتىلغان.
خىتاي مالىيە سېستىمىسىدا پاسسىپ قەرزنىڭ بۇنداق كۆپىيىپ كېتىشى، خىتاينىڭ 4 چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىسىنىڭ خەلقئارا مالىيە بازىرىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن. (پەرىدە)