سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت خىتايدىن خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى


2005.04.17

سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى شەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ تىگىشىش قىممىتىنى قاتتىق كونترول قىلىشىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىدا تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە ئەيىپلىدى.

ئەنگىلىيە، كانادا، فرانسىيە، گىرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىندا خىتايدىن خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، بىراق يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىتاي ۋەكىللىرىنى يىغىنغا تەكلىپ قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىنىغا ۋەكىل ئەۋەتىشنى رەت قىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئىپادىسى، ئۇنىڭ خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى ئامېرىكا دوللىرىغا چېتىشتەك، تۇراقلىق تېگىشىش قىممىتى تۈزۈمىنى قوغداۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خىتاي ئۆتكەنكى 10 يىلدىن بۇيان، بىر دوللارنى سەككىز يۈئەن 28 فۇڭغا تېگىشىشتەك ، تېگىشىش قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ، تاشقى سودىنى تېز ئاشۇرىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.