نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئەرزان نەرسە خىتايدا قىممەت؟


2007.10.05

خىتايدىن كېلىپ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان كىشىلەر، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى مال باھاسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بارلىقىنى بايقىغان. خىتايلار ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە " نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا مال باھاسى شۇنچىۋالا تۆۋەن؟" دېگەن بىر تېما ئۈستىدە كۆپ مۇنازىرە قىلىشتى. ئۇنىڭدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ئىقتىسادشۇناس ئامېرىكىدا قىسقا ۋاقىت ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئالىي تاللا بازارلىرىدا كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ، بولۇپمۇ كالا گۆشى، سۈت ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كىيىم-كېچەك قاتارلىق باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭمۇ، بولۇپمۇ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ۋولمارت دېگەن تاللا بازاردا ئىنتايىن ئەرزان باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن.

بۇ مۇتەخەسسىس ئامېرىكىدىكى كارنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي زىيارەتتە بولغاندا، باي دەپ ھېسابلانمايدىغان بىر ئامېرىكىلىقنىڭ قورۇسىدا تۇرغان. بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ تۇرمۇشى ھېچنىمىدىن غېمى يوق ، ناھايىتى راھەتتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. خىتايدىن كەلگەن بۇ ئىقتىسادشۇناس ئالىم " نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا مال باھاسى شۇنچىۋالا تۆۋەن؟" دېگەن مەسىلىنى بازار رىقابىتى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان.

"ئامېرىكىدا ئېكىسپورت- ئىمپورت قىلىنىدىغان نەرسە ئەرزان ئەمما ئېكىسپورت- ئىمپورت قىلىنمايدىغان نەرسە قىممەت"

‏-‏-زامانىمىزدا ھازىر بازار رىقابىتى پۈتۈن يەر شارىغا كېڭەيدى. ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدىن باھاسى ئەرزان ماللارنى سېتىۋالالايدىكەن، ‏-‏- دەپ يازىدۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ئىقتىسادشۇناس مۇتەخەسسىسى تورداشلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىسىدە. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئىمپورت قىلغىلىمۇ، ئېكىسپورت قىلغىلىمۇ بولىدىغان توۋارلارنىڭ ھەممىسى ئەرزان. ئەمما ئىمپورت قىلغىلى ياكى ئېكىسپورت قىلغىلى بولمايدىغان نەرسە، مەسىلەن ، ئېكىسپورت قىلغىلى بولمايدىغان يەر-زېمىن ۋە ئۆي قىممەت. يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئامېرىكىدا، ھەتتا كىچىك يۇرتلاردىمۇ ئۆي باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كەتكەن. ئېكىسپورت قىلغىلى بولمايدىغان مۇلازىمەتمۇ ئەرزان، مەسىلەن: سەتىراچلىق. ئامېرىكىدا چاچ ئالغۇزسا، باھاسى ئاران ئون نەچچە دوللار، ئەمما جۇڭگودا بۇنىڭدىن 6 ھەسسە قىممەت. ئامېرىكىلىقلار باشقا دۆلەتلەردىن مالنى ئەرزان سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئەمما ئۆزىدىكى يەر-زېمىن ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ باھاسىغا كەلگەندە، باشقا دۆلەتلەرگە ئىنتايىن بېخىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان گەپنىڭ يېرىمى دەلىلسىز

‏-‏-‏-يۇقىرىدا ئېيتىلغان گەپنىڭ ئاز دېگەندە يېرىمى پاكىتسىز ، ‏-‏-‏- دەپ يازىدۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خەنسەن ئەپەندى، ‏-‏- ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا، ئۆي-زېمىن باھاسى ئاساسەن چوڭ شەھەرلەردە ۋە شەرقى دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى رايونلاردا ئۆرلىدى، باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم كىچىك شەھەرلەردە ئۆي-زېمىن باھاسىنى ئىنتايىن يۇقىرى دېگىلى بولمايدۇ. ئەتراپىدا چىمەنزارلىق يېرى بار يالغۇز ئۆينىڭ باھاسى ئادەتتىكى بىر خىزمەتچىنىڭ 10 يىللىق كىرىمىدىن تۆۋەن . شەھەردىن يىراقراق جايدىكى تۇرالغۇلارمۇ قىممەت ئەمەس، بەلكى چەتئەللىكلەرگىمۇ ئېچىۋېتىلگەن. بەزى ئەقىللىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا مەكتەپتىن بەرگەن ئوقۇش پۇلىدىن پايدىلىنىپ قەرەللىك قەرز ئېلىپ، سېتىۋالغان ئۆينى ئىجارىگە بېرىپ، ئوقۇشى پۈتكەندە كۆپ كىرىم قازىنىپ ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتىدۇ.

باشقا دۆلەتلەردىكى نورمال تۇرمۇش شەكلى خىتاينىڭ كۆزىگە نورمالسىز بولۇپ كۆرۈنىدۇ

‏-‏-‏- خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قارىشى بۇيىچە بولسا، يېمەك- ئىچمەك كاملىمىسا، ئىسسىق-سوغۇقتىن غەم قىلمىسا، تۇرمۇشى ياخشى ئۆتكەن بولىدۇ، ‏-- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ خەنسەن ئەپەندى، ‏-‏-‏- خىتايلار ئادەتتە باشقا دۆلەتلەردىكى ئەھۋاللارنىمۇ مۇشۇنداق كۆز قاراش بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق كۆز قاراش ئەمەلىيەتتە، ئۆمۈر بۇيى بىرقەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىجتىمائىي تۈزۈمدە تۇرۇپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ كۈز قارىشى. ئامېرىكىدا بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ئۇنۋان كەتمەيدۇ. چۈنكى زامانىۋىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى شارائىتىدا، ھەر قانداق كىشى ھورۇنلۇق قىلماي ئىشلەپ قويسىلا، كۈندىلىك ئەقەللىي تۇرمۇش چىقىمىدىن غەم قىلىش ھاجەت ئەمەس.

ئەگەر ئەمگەك قىلغان بىر ئادەم بۇنداق تۇرمۇش كۆچۈرەلمىسە، شۇنىڭ ئۆزى بىر ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي مەسىلە. خىتايدا كىشىلەر نورمالسىز ھالەتتە تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆزىگە باشقا دۆلەتلەردىكى نورمال تۇرمۇش شەكلى نورمالسىز بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

خىتايدا ئەڭ ئېتىبارسىز نەرسە ئادەم، ئامېرىكىدا ئەڭ ئېتىبارسىز نەرسە ھۆكۈمەت

‏-‏-‏- ئادەتتە تۇلۇق بازار رىقابىتى بولۇپ تۇرىدىغان جايدا مال باھاسى بازار رىقابىتى بولمىغان ياكى بازار رىقابىتى كونترول قىلىۋېلىنغان جايدىكى مال باھاسىدىن تۆۋەن ھەم مال سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولۇدىغانلىقى مۇقەررەر. نورمال جەمئىيەتتە بۇ ناھايىتى ئاددى ئۇقۇم، ‏-‏-‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ خەنسەن ئەپەندى، ‏-‏-‏- بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، خىتايدا ئەڭ ئېتىبارلىق، قىممەت نەرسە، ئامېرىكىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئېتىبارسىز‏ ھەم ئەرزان . ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمەت. ئامېرىكىدا ھۆكۈمەتنىڭ سەرپىياتى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە، داۋالاش، پاراۋانلىق قاتارلىق تارماقلارنىڭ سەرپىياتىدىن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاممىۋىي ئىشلارغا ئاجراتقان سەرپىياتىدىن كۆپ تۆۋەن . ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت بىنالىرىنى خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت بىنالىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى نامرات رايونلاردىكى مەكتەپ بىنالىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھۆكۈمەت پۇلىغا بىنا سېلىپ، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى سەتەڭ ئاشنىلىرىنىڭ راھەت-پاراغىتى ئۈچۈن سوۋغا قىلىۋىتىدىغان ئەھۋاللارنى، ئامېرىكىدا "مىڭ بىر كېچە" دېگەن ئەپسانىدىكى غەلىتە ھېكايىلاردىنمىكىن دەپ ھېس قىلىدۇ. قىسقىسى، ئامېرىكىدا سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ پارتىيە مەكتىپى ياكى پارتىيە مۈلكى يوق ، ھەتتا پارتىيە گېزىتىمۇ يوق.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خەنسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئەڭ ئېتىبارسىز، ئەرزان نەرسە ئامېرىكىدا ئەڭ ئېتىبارلىق ھەم قىممەت، ئۇ بولسىمۇ ئادەم ۋە ئەمگەك كۈچى. ئەرزان بىلەن قىممەتنىڭ پەرقى پەقەت بازار رىقابىتى ۋە سىياسىي رىقابەت بار جايدىلا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بىرلا پارتىيە مونوپولىيە قىلىۋالغان، سىياسىي رىقابەت يوق جەمئىيەتتە، خەلققە زۆرۈر ئېھتىياجلىق ماللارغا ھۆكۈمەت ئۆزى خالىغانچە باھا بەلگىلەيدۇ. ئەمگەك كۈچىنىڭ باھاسى بىلەن مال باھاسى بازار رىقابىتى ئارقىلىق تەڭشەلمەيدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.