چىڭخەيدە قوراللىق لۈكچەكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدىكى ھۆكۈم قايتىدىن كۈچكە ئىگە بولغان
2006.10.25
'رويترس ئاگېنتلىقى' نىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى خەيدوڭ سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر ئۆكتەبىردە قوراللىق لۆكچەكلەر گۇروھىنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن ما زېيىڭ، جاڭ چىنمىڭلارغا ئۆلۈم جازسسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى. بۇ كىشىلەر پاكىستاندىن 914 دانە مىلتىق، 1556 دانە مىلىتىق زاپچىسى سېتىۋېلىپ، ئۇنى بىر نەچچە ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايوندا ساتقان. بۇ دېلو ئەينى ۋاقىتتا 1949 - يىلى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قانۇنسىز قورال سودىسى دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان ھۆكۈمى چىڭخەي ئۆلكىلىك يۇقۇرىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ غەرب تەرىپىدىكى چىڭخەيدە بىر سوت مەھكىمىسى بۇ قورالللىق لۈكچەكلەر نىڭ ئىككى نەپەر كاتىۋېشىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدىكى ھۆكۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ ھۆكۈمنى يېقىندا قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلغان.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىسىتىرلىكىنىڭ بايان قىلىشچە، گەرچە ھازىر خىتايدا پۇقرالارنىڭ مىلىتىققا ئىگە بولۇشى ئىنتايىن قېيىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچىلىرى بۇيىل 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە 117 مىڭ دانە مىلتىقنى قولغا چۈشۈرگەن. 50 مىڭ ئادەمنى تۇتقان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۈستىدىن سوتقا شىكايەت سۇنغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلدى
- خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارغا ئوچۇق سوت ئېچىشنى قارار قىلدى
- ئالىي سوت مەھكىمىسى: جۇڭگو تۆۋەن سەۋىيىلىك مەدەنىلەشكەن جەمئىيەت
- ليۇ رېنۋېن: خىتايدا يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 8 مىڭ ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ