قىرغىزىستان خىتاي بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە پۈتۈشتى
2006.06.11
خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ خىتايدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. 9 - ئىيۇن كۈنى خىتايغا يېتىپ كەلگەن قۇرمانبېك باقىيېۋ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جيباۋ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بىلەن قىرغىزىستان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. ئاخىرىدا، خىتاي ۋە قىرغىزىستان دۆلەت باشلىقلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرلەشمە باياناتىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقى"، "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى خەلقئارا تېررورچىلىققا زەربە بېرىشنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارايدىغانلىقى" بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا يەنە: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىپ، "شەرقىي تۈركىستاننى" ئوز ئىچىگە ئالغان " ئۈچ خىل كۈچلەر ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايەتچىلىككە ئورتاق زەربە بېرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي-قىرغىز بىرلەشمە باياناتىدا "ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ تۇپراقلىرىدا بىر-بىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىد سالىدىغان تەشكىلات ۋە جەمىيەتلەرنى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلماسلىق "دېگەن ماددىمۇ يەر ئالغان.
قۇرمانبېك باقىيېۋ ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ خىتاي سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئورتاق مەيدانىنى ئىپادە قىلغان.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا
- شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى موسكۋادا يىغىن ئاچتى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى
- قىرغىزىستاندا نامايىشچىلار پرېزىدېنتى قۇرمانبېكنى ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى
- بېيجىڭ ساقچىلارغا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەلىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلماقتا