قىرغىزىستان خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، قىرغىزىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىدا مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى لى خۇي ھەم خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار ئىشتىراك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرغان سابىق ئەلچىلىرىنىڭ ھەممىسى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى ھەم تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى مەدھىيىلىگەن.
قىرغىزىستان تەرەپ، بۇ كۈتىۋېلىشنى قويۇق قىرغىز مىللىي ئەنئەنىسى ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەندىن تاشقىرى يەنە قىرغىز-خىتاي دىپلوماتىيىسىنىڭ 15 يىللىقىغا ئاتاپ مەخسۇس خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىلدا "بۈگۈنكى قىرغىزىستان" ناملىق ژۇرنال نەشىر قىلىپ تارقاتقان.
قىرغىزىستان بىلەن خىتاي 1992-يىلى 5-يانۋار كۈنى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا "دوستلۇق ھەمكارلىق" شەرتنامىسى، تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش قاتارلىق نەچچە ئون پارچە كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان شۇنىڭدەك يەنە شاڭخەي ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدىكى سىياسىي-ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىمۇ كۈچەيتكەن.
خىتاي قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى دەسلەپتە ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. (ئۈمىدۋار)