خىتاي قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
2006.07.28
جۇڭگو دائىرىلىرى تۇتقۇنلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،جۇڭگو ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان "جىنايى دىلولاردا ھوقۇقىنى قالايمىقان قوللانغانلار ئۈستىدىن دىلو تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىمىسى"دە، تۇنجى قېتىم دىلو تۇرغۇزۇلىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئۆلچىمىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. يېڭى بەلگىلىمىدە بۇ جىنايەتنى " ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارى ۋە ئەيىبلەنگۈچىگە تەن جازاسى بېرىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇللار بىلەن تەن جازاسى بېرىش قىلمىشىدۇر " دەيدۇ.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار گۇماندارلارنى ئۇرسا، باغلىسا، قىيناش ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەتسە ياكى ئاچ قويۇش، مۇزلىتىش، ئاپتاپقا قاقلاش ۋە كىشەن سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇپ، گۇماندارلارنىڭ سالامەتلىكىگەزىيان يەتكۈزسە ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.
ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى ۋاش جېنچۈەن، "بۇ بەلگىلىمە كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ " دەيدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بەرمەكتە ۋە گۇماندارلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرماقتا، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىتىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك، بۇ يىل 3 - ئايدا ئېلان قىلغان جۇڭگونى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا " جۇڭگو ئەدلىيە تۈزۈمى ئىقرار قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلغان " دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىغا ئومۇميۈزلىك تەن جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارغا ئوچۇق سوت ئېچىشنى قارار قىلدى
- خىتايدا سوراق جەريانى سىنئالغۇغا ئېلىنىدىكەن
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىن ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ليۇ رېنۋېن: خىتايدا يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 8 مىڭ ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
- ساقچىخانىلارغا جەرىمانە ئېلىش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈش چەكلەندى