ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لەنجۇ شەھىرىدكى خۇاڭخې دەريا كۆبرۈكىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە دەرياغا قوشۇلىدىغان بىر ئېقىندىن 90 مىنۇتقىچە ئۆزلۈكسىز ئېقىپ كەلگەن نامەلۇم خېمىيەۋىي ماددىدا بۇلغانغان قىپ-قىزىل سۇنى كۆرگەن كىشىلەر 'سېرق دەريا ئەمدى قىزىل دەرياغا ئايلاندى' دېيىشكەن.
11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى، لەنجۇ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئورگانلىرى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. بۇنداق نامەلۇم بۇلغانغان سۇ ئېقىپ كېلىش خۇاڭخې دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان ۋەقە بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇنمۇ بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئىكەن. (ۋەلى)