خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى خىتايغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتتى

ئۇرۇش دەۋرىدىكى پۇقرالار ۋە مەھبۇسلارغا مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى بولغان خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى، جۈمە كۈنى رەسمى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى خىتايغا يوللىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياكۇب كىللىنبېرگېر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، 20 - ئىيۇندا خىتاي دۆلەت رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشىدىكەن. كىللىنبېرگېر، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ قېتىمقى زىيارەتنى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ زور مۇۋاپىقىيىتى، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلىتىنى زىيارەت قىلىش پەۋقۇللادە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىكەن.

مەركىزى شۋېتسىيىدىكى مەزكۇر ئورگان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جەنۋە ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خىتاي ئارمىيىسى ۋە قوراللىق قىسىملىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتىكەن. كېللىنبېرگېر، "خىتايدا خەلقئارالىق توقۇنۇش ياكى خەلقئارالىق بولمىغان توقۇنۇشلار يوق،" دەپ تەكىتلىگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، كېللىنبېرگېر خىتاي ھۆكۈمىتى يول قويسا، تىبەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى سەزگۈر جايلارنى زىيارەت قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى ھەققىدە بىرنېمە دېمىگەن.(ئەركىن)