قىرغىزىستاندا قىزىل گۈل ئىنقىلابىنىڭ 2 يىللىقى خاتىرىلەندى


2007.03.24

قىرغىزىستان خەلقى 24‏- مارت كۈنى قىزىل گۆل ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان، ئەسقەر ئاقايىف ھاكىمىيىتىنىڭ خەلق قوزغىلاڭى بىلەن ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقىنى داغدۇغىلىق مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلىدى.

ئىككى يىل بۇرۇن دەل مۇشۇ كۈنى، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزىدە توپلانغان 30000 ئەتراپىدىكى نامايىشچى، پرېزىدېنت سارىيىغا ھۇجۇم قىلغان. نامايىشچىلارنىڭ پرېزىدېنت سارىيىغا ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان پرېزىدېنت ئاقايىف ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قىرغىزىستاندىن قېچىپ، رۇسىيىدە پاناھلانغان. ئەسقەر ئاقايىفدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پرېزىدېنت باقىيىف، 24‏- مارت كۈنىنى رەسمىي تەتىل كۈنى دەپ ئېلان قىلغان.

لېكىن، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قىزىل گۆل ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەسقەر ئاقايىف ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان سىياسىي رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ چىقىشقا باشلىدى. بۈگۈن قىزىل گۈ ئېنقلابىغا قاتناشقان ۋە بۇ كۈننى رەسىمى تەتىل كۈنى دەپ ئېلان قىلىشى ئۈچۈن پرېزىدېنت باقىيىفقا بېسىم قىلغان فىلىكىس قولۇف قاتارلىق سىياسىي رەھبەرلەر باقىيىفگە قارشى مەيداندا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بارماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.