ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ياپونىيە ئارمىيىسى خىتايدا قالدۇرۇپ قويغان خىمىيىلىك قوراللارنى تازىلاش ئەسلىھەسى قۇرۇشقا 2 مىليارد 800 مىليون دوللار ئاجراتتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ يىل 4 - ئايدا خىمىيىلىك قوراللارنى تازىلاش مەسىلىلىرى بويىچە كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىمگە ئاساسەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىر يىل ئىچىدە خىتايدا خىمىيىلىك قوراللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، 2007 - يىلغىچە ياپونىيە ئارمىيىسى خىتايدا قالدۇرۇپ كەتكەن بارلىق خىمىيىلىك قوراللارنى يوقىتىدۇ.
ياپونىيە تەرەپنىڭ پەرەز قىلىشىچە ياپونىيە ئارمىيىسى قالدۇرۇپ كەتكەن خىتايدىكى خىمىيىلىك قوراللارنىڭ سانى 7 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. خىتاي تەرەپ بولسا بۇ ساننىڭ 2 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسىدىكى چىچىخار شەھىرىدە ياپونىيە ئارمىيىسى ئۆز ۋاقتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن خىمىيىلىك قوللاردىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن 40 دەك ئادەم يارىلانغانىدى.(ئەركىن)