خىتاي ھۆكۈمىتى قورال ئېكىسپورت قىلىش بەلگىلىمىلىرىنى ئاقلىدى


2004.11.04

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قورال -ياراق ئېكىسپورت قىلىشتىكى تەدبىرلىرىنى ئاقلىدى. بۇنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خىتاينى باشقا ئەللەرگە كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىك خاراكتېرلىق قوراللارنى تارقىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ خىتاينىڭ قورال ئېكىسپورت قىلىشتىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىنتايىن چىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن دېكابىردا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يادرو ۋە بىئو- خىمىيىلىك قوراللارنى ئېكىسپورت قىلىشنى كونترول قىلىدىغان تۈنجى بەلگىلىمىسىنى چىقارغان. بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنى ئىران، پاكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرگە باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ئېكىسپورت قىلىش بىلەن شوغۇللىنىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئېدى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون بولتۇن خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىق قوراللارنى تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە خىتاينىڭ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش مانېۋېرىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.